Muhebbet 爱情- Mewlan Memtimin 买吾兰 / SudiyeAy Mexmut 好听 推荐 伤感

lantu 2020-2-15 2397

作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
作词 : Dilmurat Ghulam
مۇھەببەت
مەۋلان مەمتىمىن / سۇدىيەئاي مەخمۇت
سۆزى : دىلمۇرات غۇلام
مۇزىكىسى : مەۋلان مەمتىمىن
كىمگە مەن كۆڭلۈمنى بەردىم
كىم ماڭا سۆيگۈ ۋاپا
كىم ئۈچۈن گۈللەرنى تەردىم
كىمگە مەن سالدىم جاپا
كىم مىنى كۈتتى پەرىشان
چىن يۈرەكتىن تەلمۈرۈپ
ئەسلى مەن كىمنى كۈتەردىم

كىمگە بولدۇم بىۋاپا
ئەي مۇھەببەت نەدۇر جاۋابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ
ئەي مۇھەببەت نەدۇر جاۋابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ
♪ مۇزىـــــكا ♪
كىمنى خۇش قىلدى بۇ دەردىم
شاتلىقىم كىمنى خاپا
مەن ئۆزۈم كىملەرگە قىلدىم
بۇ ئەزىز جاننى پىدا
كىمنى خۇش قىلدىڭ مۇھەببەت
كىم يەنە ياردىن جۇدا
ئېيت مۇھەببەت سىرلىرىڭ كۆپ
كىمدە زادى بۇ گۇناھ
ئەي مۇھەببەت نەدۇر جاۋابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ
ئەي مۇھەببەت نەدۇر جاۋابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ
♪مۇزىـــــكا ♪
ئەي مۇھەببەت نەدۇر جاۋابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ
ئەي مۇھەببەت نەدۇر جاۋابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ
يۈرەكنى قىينار شىرىن ئازابىڭ



最新回复 (0)
    • 搜 乐 sooole.com
      2
      
        登录 注册
返回